دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلىشى
Imagine English Course
دەرسلىك نامى
ۋاقتى
باھاسى
ئوبېكتى
يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىزتىلى 1 - قىسم (A)
11:00——8:00
320 يۈەن
يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىزتىلى 1 - قىسم (B)
4:00——1:00
320 يۈەن
يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىزتىلى 2 - قىسم (A)
11:00——8:00
320 يۈەن
يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىزتىلى 2 - قىسم (B)
4:00——1:00
320 يۈەن
يېڭى ئۇپۇق ئالىي مەكتەپ ئىنگلىزتىلى 1 - قىسم
11:00——8:00
350 يۈەن
يېڭى ئۇپۇق ئالىي مەكتەپ ئىنگلىزتىلى 2 - قىسم
4:00——1:00
350 يۈەن
سۆزلۈك تېز يېتىشتۈرۈش سىنىپى
4:00——1:00
400 يۈەن
ئوقۇشلۇق مەخسۇس كۈچەيتىش سىنىپى
4:00——1:00
400 يۈەن
كامبىرىج ئالاقە ئىنگلىزتىلى كىرىش قىسىمى
4:00——1:00
320 يۈەن
كامبىرىج ئالاقە ئىنگلىزتىلى كىرىش 1 - قىسم
11:00——8:00
320 يۈەن
ئايىلتس ئىمتىھانى مەخسۇس كۈچەيتىش سىنىپى
1:00--4:00
500 يۈەن
QQبىلەن مەسلىھەت سوراش
ئوقۇتقۇچىلىرىمىز

  • ئىسمى:ئابباس مۇئەللىم

    قىسقىچە تەرجىمالى:تەسەۋۋۇر تىل تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى. شىنجاڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى. 2008- يىلى خەلقئارالىق ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىدا ئايلتس (IELTS) تا 7.5 نومۇر ئالغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھەرخىل دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانلىرى توغرىسىدا مول تەجىرىبىگە ئىگە. دەرسى جانلىق كەيپىيات، يۇمۇرىستىك تىل ۋە ئوقۇتۇشقا بولغان قىزغىن روھنى بىر گەۋدە قىلغان. ئۆزىنىڭ جانلىك ئوقۇتۇش مىتودى ۋە ئۆلچەملىك تەلەپپۇزى بىلەن كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ۋە قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن. قوللىنىشچان ئىنگلىز تىلى (communicative language teaching)ئۆتۈشنىڭ ئاكتىپ تەشەببۇسچىسى. مەركىزىمىز 4-،6- ئىمتىھانلار بۆلىمىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى. ئابباس مۇئەللىم ئەستايىدىل ئىزدىنىش ئارقىلىق تۈزۈپ چىققان "4-،6- دەرىجە ئىمتىھانى ئۈلگە ماقالىلەر توپلىمى" ۋە " ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى ئاڭلاش قىسمىدا يۇقىرى نومۇر ئېلىشنىڭ سىرى" ناملىق كىتابلارنى تۈزۈپ چىقىپ، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 4-،6- دەرىجە ئىمتىھانىدىن يۇقىرى نۇمۇر بىلەن ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولدى.


  • ئىسمى:مۇتەللىپ مۇئەللىم

    قىسقىچە تەرجىمالى:تەسەۋۋۇر تىل تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى.شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپرانتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنگلىز تىلى لېكتورى. GREئىمتىھانىدا 1370 نومۇرغا ئېرىشكەن. خەلقئارالىق ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى توفىل (TOEFL) دا 116 نومۇرغا ئېرىشكەن. ھەمدە 2004- يىلدىن بىرى ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان. دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانلىرىغا بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇر بولۇپ، ئۆزىنىڭ قىزىقارلىق ئوقۇتۇش مىتودى، بولۇپمۇ سۆزلۈك ۋە جۈملە قۇرۇلمىسىنى چۈشەندۈرۈشتىكى ئۆزگىچە ئۇسۇلى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن. مەركىزىمىز ئاسپىرانتلىق ئىنگلىز تىلى بۆلىمىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى. مۇتەللىپ مۇئەللىم يېقىندا ئۇزاق ئىزدىنىش ئاساسىدا "ئاسپىرانتلىق ئىنگلىز تىلىدىكى ئۇزۇن مۇرەككەپ جۈملىلەرنىڭ گرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسىنى يېشىش" ۋە "ئىنگلزى تىلى سۆزلىكرىنىڭ سىرى" ناملىق ماتېرىياللارنى تۈزۈپ چىقتى ۋە ئەمەلىيەتتە قوللىنىپ زور ئۆنۈم ھاسىل قىلدى.


  • ئىسمى:دىلمۇرات مۇئەللىم

    قىسقىچە تەرجىمالى:تەسەۋۋۇر تىل تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى.شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن پەنلىرى ئىنىستىتوتىنىڭ ماگىستىر ئاسپرانتى. 2010- يىلى خەلقئارالىق ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىدا ئايلتس (IELTS) تا 8 نومۇرغا ئېرىشكەن. ھەرخىل سەۋىيىدىكى ئىنگلىز تىلى دەرسلىرىنى ئۆتۈشتە ئۇزاق مەزگىللىك تەجىرىبىگە ئىگە. مەركىزىمىز خەلقئارالىق ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى بۆلۈمىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى. ئۆزىگە خاس ئوقۇتۇش ئۇسلۇبى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاشقا ماھىر، ئۆلچەملىك تەلەپپۇزى، كۈچلۈك گرامماتىكا ئاساسى، مول بىلىمى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. 4-،6- دەرىجە ئىمتىھانىدىكى ئەڭ قىيىن نۇقتا ھىسابلىنىدىغان ئوقۇپ چۈشىنىش قىسمىغا تاقابىل تۇرۇش ماھارىتىنى لايىھىيەلەپ چىقتى ۋە مۇشۇ ئاساستا "جانغا ئەسقاتىدىغان 18 خىل جاۋاب تاللاش ماھارىتى" ناملىق كىتابنى تۈزۈپ چىقتى ۋە ئىمتىھان ئەمەلىيىتىدە قوللىنىپ نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى 4-،6- دەرىجە ئىمتىھانىدىن يۇقىرى نۇمۇر بىلەن ئۆتكۈزدى.


  • ئىسمى:ئەخمەتجان مۇئەللىم

    قىسقىچە تەرجىمالى:شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىتىنىڭ ئېنگىلىز تىلىنى كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. كەسپى ئېنگىلىز تىلى4 - دەرىجە(专业四级) ئىمتىھانىدا مەكتەپ بويىچە 1- دەرىجىگە ئېرىشكەن. ئۆزىنىڭ قىزىقارلىق، جانلىق، چۈشىنىشلىك دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى ۋە يۈكسەك مەسئۇليىەتچانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ ئۆلچەملىك ئامرىكا تەلەپپۇزى بىلەن كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن.


  • ئىسمى:سەمەرجان مۇئەللىم

    قىسقىچە تەرجىمالى:مەركىزىمىزنىڭ غوللۇق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىرى. شىنجاڭ ئونىۋىرسىتىتى تىلشۇناسلىق كەسپىنىڭ ماگىستىر ئاسپرانتى. كەسپى ئېنگىلىز تىلى 8 - دەرىجە(专业八级) ئىمتىھانىدا مەكتەپ بويىچە 1- دەرىجىگە ئېرىشكەن. ئۆزىگە خاس، جانلىق، ئەستايىدىل، ئۆلچەملىك تەلەپپۇزى، گرامماتىكا بىلىمىنىڭ موللىقى ۋە سۆزلۈك چۈشەندۈرۈشتىكى ئالاھىدە ماھارىتى بىلەن كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.